جو بايدىن 2-قېتىم يەنە نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئەگەر سالامەتلىكى يار بەرسە 2024-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا يەنە نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1751486
جو بايدىن 2-قېتىم يەنە نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن ئا ب س (ABC) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يەنە نامزات بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرسىدىكى سوئالغا: «مەن تەقدىرگە ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەممەن. تەقدىر مېنىڭ ھاياتىمدا نۇرغۇن قېتىم تەجەللى قىلدى. ھازىرقىغا ئوخشاش، شۇ چاغدىمۇ سالامەتلىكىم ياخشى بولسا يەنە نامزات بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن رىقابەتلىشىشنى خالاپ-خالىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «ترامپ قايتىدىن نامزات بولسا، نېمىشقا رىقابەتلەشمەيدىكەنمەن. بۇ رىقابەتنىڭ مۆلچەرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئاقساراي بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2024-يىلى 81 ياشقا كىرىدىغان بايدىننىڭ يەنە پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر