ئىسىرائىلىيەدە تۆتىنچى شىشە ۋاكسىنا ئەملىتىش تەستىقلاندى

ئىسىرائىلىيەدە 60 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر بىلەن سەھىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش رامكىسىدا، تۆتىنچى شىشە ۋاكسىسنا ئەملىتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرۈلدى.

1751214
ئىسىرائىلىيەدە تۆتىنچى شىشە ۋاكسىنا ئەملىتىش تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت سەھىيە كېڭىشىنىڭ تۆتىنچى شىشە ۋاكسىنا ئەملىتىش تەۋسىيەسىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى ۋە مەسئۇللارغا ۋاكسىنا ئەملىتىش ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردە، ئىسىرائىلىيەنىڭ تۆتىنچى شىشە ۋاكسىنا ئەملىتىلىدىغان تۇنجى دۆلەت ئىكەنلىكى ۋە 60 ياشتىن يۇقىرى ھەمدە خەتەرلىك گۇرۇپپىدا بولغان سەھىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىنا ئەملىتىپ ئارىدىن تۆت ئات ئۆتكەندىن كېيىن تۆتىنچى شىشە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملىتىدىغانلىقلىرى قەيت قىلىندى.

خەۋەرلەردە يەنە، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 21-دېكابىر) كەچتە ئىسىرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق سەھىيە كېڭىشىنىڭ، 170 كىشىنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، مەزكۇر قارارنىڭ چىقىرىلغانلىقى، دۆلەت ئىچىدە ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالغانلار ساننىڭ 341 گە چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە نويابىر ئېيى (2021) نىڭ ئاخىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرى سەۋەبىدىن چېگرادىن كىرىش-چىقىشلارنى چەكلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر