ئىراننىڭ تەبرىز شەھىرىدە بىر تۇرالغۇ بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى
ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى تەبرىز شەھىرىدە تەبىئىي گاز پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە 5 كىشى قازا قىلدى ۋە 15 كىشى يارىلاندى.
1751039
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن كەچتە تەبرىز شەھەر مەركىزىدىكى 5 قەۋەتلىك تۇرالغۇ بىناسىدا تەبىئىي گاز پارتىلىغان ۋە پارتلاشتىن كېيىن بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
ھازىرغىچە 5 كىشىنىڭ جەسىتى بىنا خارابىلىكى ئاستىدىن چىقىرىۋېلىنغان بولۇپ، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
ۋەقەدە 15 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.