خىتايدا 66 مىليون يىل ئىلگىرىگە تەۋە دىنوزاۋر تۇخۇمى قاتمىسى تېپىلدى

خىتايدا 66 مىليون يىل ئىلگىرىگە تەۋە تۇخۇمدىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان ۋە ناھايىتى ياخشى ساقلانغان دىنوزاۋر تۆرەلمىسى تېپىلدى.

1751083
خىتايدا 66 مىليون يىل ئىلگىرىگە تەۋە دىنوزاۋر تۇخۇمى قاتمىسى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گەنجودا چىشسىز «Oviraptorosaur» تىپىدىكى دىنوزاۋرغا تەۋە تۇخۇمنىڭ قالدۇقلىرى تېپىلدى.

تۇخۇمدىن چىقىشقا ئاز قالغان دىنوزاۋر تۆرەلمىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ساقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بېرمىنھام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فىيون ۋايسۇم ما: بۇ بايقاشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ: «تارىختا ھازىرىچە بايقالغان ئەڭ ياخشى دىنوزاۋر تۆرەلمىسىنىڭ بىرى» دېدى.

بۇ بايقاشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئالىملار تۆرەلمىدە باشنىڭ بەدەننىڭ ئاستىغا ئىگىك ۋە پۇتلىرىنىڭمۇ يانتۇ شەكىلدە ئىگىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ دىنوزاۋرلاردا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ كۆرۈنۈشنىڭ تۇخۇمنى سۇندۇرۇپ چىقىش ئالدىدا تۇرغان قۇشلارنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىغانلىقى بايان قىلىندى.

تەتقىقاتچى فىيون ۋايسۇم ما: «بۇ بۈگۈنكى قۇشلارنىڭ تۇرۇش شەكلىنىڭ دىنوزاۋر ئەجدادلىرىدىن تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر