ھىندىستاننىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئۆلكىسىدىكى بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 3 كىشى قازا قىلدى.

1751036
ھىندىستاننىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلار شەرقىي مەدىنىپۇر رايونىنىڭ خالدىيا شەھىرىگە جايلاشقان ھىندىستان نېفىت شىركىتى (IOC) گە تەۋە زاۋۇتتا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك ئوت ئاپىتىدە 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 44 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوت ئۆچۈرۈلۈپ، ئەھۋالنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ھىندىستان نېفىت شىركىتىنىڭ باياناتىدا، يارىلانغانلارنىڭ خالدىيە نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

دائىرىلەر ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر