ب د ت دائىمىي ئەزالىرى يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھات قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىق ۋە خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1750910
ب د ت دائىمىي ئەزالىرى يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھات قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يەمەندىكى ئەلچىخانىسى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ ئامېرىكا،  خىتاي، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دائىمىي ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا يەمەن باش مىنىستىرى مۇئىن ئابدۇلمەلىك بىلەن كۆرۈشۈپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىر ئابدۇلمەلىكنىڭ يەمەن خەلقىنى ئاساسىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش تىرىشچانلىقىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىن شەرق ئىشلىرى ئىشخانىسى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى تىم لېندېركىڭنىڭ يەمەن باش مىنىستىرى ئابدۇلمەلىك بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم قەدەم تاشلىغانلىقىنى، ئىئانە قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى سايىسىدا بۇ قەدەملەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر