ئامېرىكادىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %73 ىدە ۋىرۇسنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %73 ىدە ۋىرۇسنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالدى.

1750590
ئامېرىكادىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %73 ىدە ۋىرۇسنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %73 ىدە ۋىرۇسنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالدى.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى بايانات بېرىپ، ۋىرۇسنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكادىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدا ئالتە ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ۋىرۇسنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ نيۇيورك رايونى، شەرقىي جەنۇب، ئوتتۇرا غەربىي قىسىم ۋە تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي شىمالىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ  %90 ىدە؛ ئامېرىكا مىقياسىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %73 دە بايقالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، ئومىكروننىڭ دېلتا ۋە باشقا ۋارىيانتلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، دۆلەتتىكى ئاساسلىق ۋارىيانتقا ئايلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكادا 650 مىڭدىن  ئارتۇق ئادەمدە ۋىرۇسنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالغان، نويابىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر يۇقۇم بايقالغانلارنىڭ  %99.5 ى دېلتا ۋارىيانتىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىدى.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى مۇدىرى دوكتور روچېل ۋالېنسكىي، يېڭى رەقەملەرنىڭ باشقا دۆلەتلەردە كۆرۈلۈۋاتقان ئومىكرون ۋارىيانتى كۆپىيىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ: «بۇ سانلىق مەلۇماتلار ھەيران قالارلىق ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر