ئامېرىكا ئۇكرائىنا توغرىسىدا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يۇقۇم ۋە رۇسىيەنىڭ تەھدىتى سەۋەبىدىن ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئۇكرائىناغا «ساياھەتكە بارماسلىق» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1750650
ئامېرىكا ئۇكرائىنا توغرىسىدا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا توغرىسىدا  4 – دەرىجىلىك ساياھەتكە بارماسلىق ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ يۇقۇم، رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچيىۋاتقان تەھدىتى، بىر قىسىم رايونلاردا پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىچكى مالىمانچىلىق ۋە جىنايەت خەۋپلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ دۆلەتكە بولغان باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باياناتتا: «ئامېرىكا پۇقرالىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى مۇھىم ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن ۋاقىپ بولۇشى كېرەك. ئامېرىكا پۇقرالىرىغا يەنە، ئۇكرائىنا چېگرالىرى ئىچىدىكى، رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان قىرىم ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان شەرقىي ئۇكرائىنادىكى بىخەتەرلىك شارائىتى مۆلچەرلىگۈسىز بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ناچارلىشىپ  كېتىش مۇمكىنلىكى خاتىرىلىتىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىناغا بېرىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئامېرىكا پۇقرالىرى، رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان رايونلاردا، رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى قىرىم، دونېتسىكى ۋە لۇخانىسكى قاتارلىق رايونلاردىكى كونسۇلخانا خىزمەتلىرىنىڭمۇ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر