تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى چېكىنىشكە قارار قىلدى

ئېفىيوپىيەدىكى مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن «تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى»نىڭ چېكىنىشكە قارار قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1750324
تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى چېكىنىشكە قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى رەئىسى  دېپرېتسىئون گېبرېمىچېل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتتېررېسقا مەكتۇپ يوللاپ، تىنچلىق ئورنىتىش مەقسىتىدە ئەسكەرلىرىگە چېكىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىىنى مەلۇم قىلدى.

گېبرېمىچېل مەكتۇپىدا: «مەن تىگراي خەلقى ۋە تىگراي رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن چېگرا سىرتىدىكى بارلىق تىگراي ئەسكەرلىرىنى تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن دەرھال چېكىنىشكە چاقىرىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن  بەردى.

تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى باياناتچىسى گېتاچېۋ رېدامۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئامخارا ۋە ئافار رايونلىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ب د ت 12-ئاينىڭ 17-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئېفىيوپىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ پۇقرالارنى قوغداش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تۈگىتىشكە چاقىرغانىدى.

شىمالدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ تىگرايدىن كېيىن ئامخارا ۋە ئافار ئۆلكىلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى.

ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى ئىشغال قىلىۋالغان نۇرغۇن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر