ھايتىدىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلار سانى 90 غا يەتتى

ھايتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كاپ – ھايتىئېن شەھىرىدە يۈز بەرگەن يېقىلغۇ يۆتكەش ئاپتوموبىلى پارتلاش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 90 غا يەتتى.

1750360
ھايتىدىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلار سانى 90 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايون تاراتقۇلىرى، 14 - دېكابىر يۈز بەرگەن شىددەتلىك پارتلاشتىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئالاقىدار تارماقلار، قازا قىلغانلار سانىنىڭ يېڭىدىن 15 كىشىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 90 غا كۆپەيگەنلىكىنى، يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى داۋالاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتتىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار يولغا قويغان قامال ۋە ساقلىنىۋاتقان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن 700 مىڭ كىشىنىڭ جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكى ۋە ئېغىر يېقىلغۇ كىرىزىسى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھايتى باش مىنىستىرى ئارىئېل ھېنرى مەزكۇر پارتلاشتىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئۈچ كۈنلۈك «رەسمىي ماتەم» ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر