ھىندىستان پەنجاپ ئۆلكىسىگە س - 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى

ھىندىستان رۇسىيەدە ئىشلەنگەن تۇنجى س - 400 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى پەنجاب ئۆلكىسىگە ئورۇنلاشتۇردى.

1750377
ھىندىستان پەنجاپ ئۆلكىسىگە س - 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»، رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا مۇداپىئە ھەمكارلىقى دائىرىسىدە س - 400 سىستېمىلىرىنىڭ تۇنجى باتارېيەلىرىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ  س - 400 باتارېيەسىنىڭ ھىندىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، رۇسىيەدە ياسالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پەنجاپ ئۆلكىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان س - 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ 250 كىلومېتىر بىلەن 400 كىلومېتىر ئارىلىقىدىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئاۋاكس ئايروپىلانلىرىنى؛ ئوتتۇرا مۇساپىدە 120 كىلومېتىر، قىسقا مۇساپىدە 40 كىلومېتىرلىق 4 خىل ئوخشىمىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئۇرۇپ چۈشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدا 2015 - يىلى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇپ، 2018 – يىلىغا كەلگەندە 4 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق سېتىۋېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر