بايدىن يېڭى بېقىۋالغان ئىتىنى تونۇشتۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن يېڭى بېقىۋالغان «قوماندان» ئاتلىق ئىتىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا «ئەڭ يېڭى بايدىن بىلەن تونۇشۇك» دېگەن ئىزاھات بىلەن تونۇشتۇردى.

1750425
بايدىن يېڭى بېقىۋالغان ئىتىنى تونۇشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن يېڭى بىر گېرمان پادىچى ئىتنى بېقىۋىلىپ «قوماندان» دەپ ئىسىم قويدى.

ئىتنىڭ سۈرىتىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن بايدىن، «ئاقسارايغا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز قوماندان» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

بايدىن ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا يېڭى ئىتى قوماندان بىلەن ئويۇن ئوينىغان ۋە  بىللە ماڭغان سىننى ھەمبەھىرلەپ،  «ئەڭ يېڭى بايدىن بىلەن تونۇشۇڭ» دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.

بايدىن يەنە باشقا ئىككى ئىتىنى 1-ئايدا ئاقسارايغا ئېلىپ بارغان ئىدى.

چامپ ئىسىملىك ​​13 ياشلىق ئىت ئىيۇن ئېيىدا قازا قىلغان، ئاندىن مايور ئىىسىملىك ئىتى، ئاقسارايدا بىر نەچچە قېتىم ئادەم چىشلىۋىلىش ۋەقەسى تۇغدۇرغاندىن كېيىن دېلاۋارىغا قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئىدى.

 

 


خەتكۈچ: #ئىت , #بايدىن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر