بېلارۇسىيەنىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

بېلارۇسىيەنىڭ ئەنگلىيەدىكى لوندون ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، بىر دىپلوماتنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ئەلچىلىك بىناسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1750266
بېلارۇسىيەنىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بېلارۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لوندون ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا بىر دىپلوماتنىڭ بۇرنى يېرىلىپ، چىشلىرى سۇنۇپ كەتكەن.

ۋەقەدىن كېيىن، «نادزېيا» (Nadzeya) دېيىلىدىغان بىر ئاشقۇن كۆچمەن گۇرۇپپىسىغا ئەزا دەپ قارالغان بەزى ھۇجۇمچىلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسمى ئوخشاش بىر فەيسبۇك گۇرۇپپىسى، ئۆتكەن يىلى (2020) بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردا ئۆكتىچىلەرنى قوللاش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىدى.

بېلارۇسىيە ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق تەكشۈرۈش تەلىپىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ بىر دىپلوماتىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر