بېلگىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كومپيوتېر سىستېمىسى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېلگىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كومپيۇتېر سىستېمىلىرىنىڭ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1750296
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئولىۋىئېر سېۋېرىن، ئىنتېرنېتقا كىرگىلى بولىدىغان بىر كومپيوتېر تورىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە پەيشەنبە كۈنى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھەپتە ئاخىرىدا مىنىستىرلىق خادىملىرىنىڭ كۆرۈلگەن كاشىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى، ھۇجۇمنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇردى.