ياپونىيەلىك مىلياردېر يەر شارىغا قايتتى

ياپونىيەلىك مىلياردېر يۇساكۇ مائېزاۋا 12 كۈنلۈك ئالەم سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يەر شارىغا قايتىپ كەلدى.

1749710
ياپونىيەلىك مىلياردېر يەر شارىغا قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياپونىيەلىك مىلياردېر يۇساكۇ مائېزاۋا 8-دېكابىر (2021) ياردەمچىسى يوزو خىرانو ۋە رۇسىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالېكساندېر مىسۇركىن (Alexander Misurkin) بىلەن بىللە قازاقىستاندىكى بايقونۇز ئالەم بازىسىدىن ئالەمگە سەپەر قىلغان ئىدى. ئۇ بۇ يىل 46 ياشتا بولۇپ، ئالەم سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يەنە قازاقىستانغا قايتىپ كەلدى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالەم ئاگېنتلىقى –روسكوسموس(Roscosmos)  نىڭ باياناتىدا، ساياھەت ئالەم كېمىسى سويۇز «MS-20» نىڭ ئالەم سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيەلىك مىلياردېر يۇساكۇ مائېزاۋا يۇتۇب قانېلىدا ئالەمدىكى 12 كۈنلۈك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ مۇنبەردىكى 1 مىليون ئەگەشكۈچىسىگە ئالەمدە چىشىنى قانداق چوتكىلىغانلىقىنى ۋە قانداق يۇيۇنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر