يەھۇدىي ئېقىندىلار پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ نابلۇس شەھىرىدە، 15 پەلەستىنلىكنى پلاستىك ئوق ئېتىپ يارىلاندۇردى.

1749786
يەھۇدىي ئېقىندىلار پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، (تۈنۈگۈن) ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نابلۇسنىڭ شىمالىدىكى بۇرقا يېزىسىدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشتا 15 پەلەستىنلىكنى پلاستىك ئوق بىلەن يارىلاندۇرغانلىقى، 52 كىشىنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە مەيداندا داۋالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدىكى يەھۇدىي ئېقىندىلار، بۇرقا يېزىسى ئەتراپىدىكى ھۇمەش ئولتۇراق رايونىدىن ئاپتوموبىللىرى بىلەن ئۆتىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى.

يەھۇدىي ئېقىندىلار 17 - ۋە 18 – دىكابىردا غەربىي قىرغاقتىكى بەزى يېزىلارغا بېسىپ كىرىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەرگەن ۋە مال-مۈلۈكلىرىگە زىيان يەتكۈزكەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر