گابرىئېل بورىچ چىلىنىڭ ئەڭ ياش پىرېزىدېنتى بولدى

چىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، كۆپىنچىسى ئېچىلغان بېلەت ساندۇقىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، سول قانات نامزات گابرىئېل بورىچ دۆلەتنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بولغان.

1749767
گابرىئېل بورىچ چىلىنىڭ ئەڭ ياش پىرېزىدېنتى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلى سايلام مۇلازىمەت مەركىزى (سېرۋېل) نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر سايلام ساندۇقلىرىنىڭ %92 ى ئېچىلغان بولۇپ، نەتىجىگە ئاساسەن سول قانات «ئېتىبارنى قۇللايمەن» ئىتتىپاقىنىڭ نامزاتى گابرىئېل بورىچ % 55، ۋە ئوڭ قانات جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى نامزاتى جوسې ئانتونىيو كاست %44 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

جوسې ئانتونىيو كاست تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مەن بورىك بىلەن سۆزلەشتىم ۋە ئۇنىڭ زور غەلىبىسىنى تەبرىكلىدىم. بۈگۈندىن باشلاپ ئۇ چىلىنىڭ سايلانغان پىرېزىدېنتىدۇر. ئۇ بارلىق ھۆرمەت ۋە ئىجابىي ھەمكارلىققا لايىق. چىلى ھەمىشە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دېدى.

شۇنداق قىلىپ، 35 ياشلىق گابرىئېل بورىچ چىلىنىڭ ئەڭ ياش پىرېزىدېنتىغا ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر