ياپونىيەنىڭ  ئاتاقلىق ئاۋاز ۋە فىلىم ئارتىسى بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلدى

ياپونىيەنىڭ ئاتاقلىق ئاۋاز ۋە فىلىم ئارتىسى كاندا ساياكا مېھمانخانىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلدى.

1749512
ياپونىيەنىڭ  ئاتاقلىق ئاۋاز ۋە فىلىم ئارتىسى بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسىسى «NHK» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاندا كونسېرت ئۈچۈن شىمالدىكى ساپپورو شەھىرىگە بارغان ۋە تۇرۇۋاتقان 22-قەۋەتلىك مېھمانخانىنىڭ 14-قەۋىتىدىكى ھۇجرىسىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كەتكەن. 35 ياشلىق ئايال سەنئەتچى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان .

ساقچى تارماقلىرى ۋەقەدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ياكى سۇيىقەست ئېھتىماللىقى بارلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

ناخشىچىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى ئالدىنقى كۈنى كاندانىڭ رېپېتىتسىيەدىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى  بىلدۈرۈپ كونسېرتىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كاندا دىسنىي كارتون فىلىمى «Frozen» نىڭ ياپونچە نۇسخىسىدا ئانناغا ئاۋاز بەرگەندىن كېيىن دۆلەت مىقياسىدا داڭق چىقارغان ئىدى.

كاندا ئارتىسلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئارتىس كاندا ماساكى ۋە ناخشىچى ماتسۇدا سەيكونىڭ قىزى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر