ئالجىرىيە باش مىنىستىرى تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى

ئالجىرىيە باش مىنىستىرى ئەيمەن بىن ئابدۇراخمان تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر شارائىتلارنىڭ ھازىرلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1749498
ئالجىرىيە باش مىنىستىرى تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىن ئابدۇراخمان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

باش مىنىستىر بىن ئابدۇراخمان: «ھەم 2008-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيانقى كۈچەيگەن سىياسىي ئىرادە نۇقتىسىدىن  ھەم 2063 - يىللىق نىشانغا قاراپ مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئامىللىرى نۇقتىسىدىن بۇ ھەمكارلىقنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن كېرەكلىك پۈتۈن ئىمكانىيەتلەر ماۋجۇت» دېدى.

بىن ئابدۇراخمان ئالجىرىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئالجىرىيەنىڭ بۇ ھەمكارلىقنى قوللىشى؛ بىزمۇ بىر پارچىسى بولغان ۋە تەرەقىقياتى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشقان قىتئەمىزنى بىر يەرگە قەم قىلغانلىقىدىندۇر. تۈركىيە بىلەن بولغان يۈزلەرچە يىللىق تارىخقا ئىگە ئۆتمۈشىمىز، ئورتاق تارىخىمىز، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىمىزدىندۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر