مېكسىكادا بىر ئۆيگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 4 كىشى قازا قىلدى

مېكسىكانىڭ گۇاناجاتو ئۆلكىسىدە بىر ئۆيگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 4 ئادەم قازا قىلىپ، 2 كىشى يارىلاندى.

1749516
مېكسىكادا بىر ئۆيگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 4 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى قوراللىق ھۇجۇمنىڭ گۇاناجاتو ئۆلكىسىگە قاراشلىق كۇئېرامارو يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

گۇاناجاتو ئۆلكىسى مېكسىكانىڭ جىنايەت نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئۆلكىلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىك ​​شايكىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تالىشىش كۈرەشلىرىگە سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر