ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم بىر مۇسۇلمان «دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىلىكى»گە تەيىنلەندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۇنجى قېتىم بىر مۇسۇلمان «دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى» بولۇپ تەيىنلەندى.

1749351
ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم بىر مۇسۇلمان «دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىلىكى»گە تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن تەرىپىدىن 30  -  ئىيۇل «ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى» بولۇشقا تەۋسىيە قىلىنغان رەشاد ھۈسەيىننىڭ كاندىداتلىقى تۈنۈگۈن كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، 5 كە قارشى 85 كىشىنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى؛ شۇنداق قىلىپ، رەشاد ھۈسەيىن بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تۇنجى مۇسۇلمان دېگەن نامغا ئېرىشتى.

ھۈسەيىن تېگى ھىندىستانلىق بىر مۇسۇلمان ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ۋايومىڭ ئىشتاتىدا دۇنياغا كەلگەن؛ سىياسىي پەنلەر، ئەرەبچە ۋە ئىسلامىي ئىلىملەر بويىچە تەھسىل كۆرگەن ۋە يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ھەمكارلىق ۋە يەرشارى ئالاقە دىرېكتورى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھۈسەيىن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغانىدى.

ئۇ، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن باراك ئوباما دەۋرىدە ئامېرىكانىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە تېررورلۇققا قارشى ئىستراتېگىيەلىك كۈرەش ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر