دونباستا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىدا تۈنۈگۈن (2021-يىلى 16-دېكابىر) رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى، بىر ئەسكەر يارىلاندى.

1749083
دونباستا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تۈنۈگۈن بۆلگۈنچىلەرنىڭ بەش قېتىم ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، بىر ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، بىر ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدە 2013-يىلى 21-نويابىر ئەينى ۋاقىتتىكى پىرېزىدېنت ۋىكتور يانۇكوۋىچنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى شېرىكلىك كېلىشىمىنى ئىمزالىماسلىقى سەۋەبىدىن نامايىشلار پارتلىغان ئىدى.

سابىق پىرېزىدېنت يانۇكوۋىچ نامايىشلارنىڭ زورىيىشى سەۋەبىدىن 2014-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىنادىن قېچىپ كەتكەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن، دونباس رايونىنىڭ دونېتسك ۋە لۇگانسك شەھەرلىرىدىكى رۇسىيەپەرەسلەر نامدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۆلگۈنچىلەر بىلەن كىيېۋ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 2014 –يىلدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر