ئاۋىستىرالىيەدە 4 ئوقۇغۇچى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىپ قازا قىلدى
ئاۋىستىرالىيەنىڭ تازمانىيە ئۆلكىسىدە، مەكتەپ باغچىسىدا ئوقۇغۇچىلار ئۈستىگە سەكرەپ ئويناۋاتقان يەل قەلئەنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن 4 ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1748404
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋىستىرالىيە مېدياسىغا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دېۋونپورت شەھىرىدىكى ھىلكرېست باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلار سەكرەپ ئويناۋاتقان يەل قەلئەنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن.
تازمانىيە ساقچىلىرى 10 مېتىر ئېگىزلىكتىن يەرگە چۈشكەن 6-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 4 ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تازمانىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى داررېن خىن تۇيۇقسىز چىققان قاتتىق شامالنىڭ يەل قەلئەنى ئۇچۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسونمۇ ۋەقەگە قارىتا: «كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدە يۈرەكنى يارا قىلىدىغان ۋەقە» دېدى.
ساقچىلارنىڭ ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشلىرى داۋاملاشماقتا.