ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى تۇنجى قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلدى

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت تۈنۈگۈن (2021-يىلى 12-دېكابىر) ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زىيارىتىنى باشلىدى.

1746857
ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى تۇنجى قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت بۈگۈن (13-دېكابىر) ئەبۇ زابى ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئالناھيان بىلەن كۆرۈشتى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت توغرىسىدىكى يازما باياناتىدا: «باش مىنىستىر بېننېت ئەبۇ زابى ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئالناھيان بىلەن كۆرۈشتى. بۇ تارىخىي ئۇچرىشىش ئىدى» دېيىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋام (WAM) ئاگېنتلىقى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە: «بېننېت بىلەن بىن زايىد رايوندا تەرەققىيات، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەشكە ھەسسە قوشىدىغان شەكىلدە، ھەر خىل ساھەلەردە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يوللىرى ۋە تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى» دېيىلدى.

بىن زايىدنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئۈچۈن «2020-ئېكسپو دۇبەي» نىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، بېننېتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ۋە ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىملىرى ئاساسىدا بېسىلغان قەدەملەرنى ماختىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان بېننېت، بۈگۈن كەچتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئايرىلىدۇ.

بىن زايىد 18-ئۆكتەبىر (2021) ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرىنى ئەرەب بىرلەشمە خالىپىلىكىنى زىيارەت قىلىشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2020-يىلى 15-سېنتەبىر ئامېرىكا ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر