تالىبان ئارمىيە قۇرۇش ئىشلىرى باشلىدى

ئافغانىستاندا تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى يېڭى ئارمىيە قۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1745846
تالىبان ئارمىيە قۇرۇش ئىشلىرى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېڭى ئارمىيە قۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 20 كىشىلىك تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە كومىتېت ئەزالىرىنىڭ مىنىستىرلىقنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا پائالىيەتلىرىنى باشلايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «سادىق»، ئىنتىزامچان»، «ئەسلىھەلەشكەن»، «توغرا» ۋە «مەسئۇلىيەتچان» ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر ئارمىيەنىڭ ئىسلامىي دۆلەت ۋە تۈزۈمىگە ھەمدە ئېھتىياجلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا قۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ئافغانىستان خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يېڭى قۇرۇلىدىغان تالىبان ئارمىيەسىنىڭ قانچە كىشىلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى. ئارمىيەگە قوبۇل قىلىنىدىغانلارغا قانداق شەرت قويۇلىدىغانلىقى، تالىبان سىرتىدىكىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغان ياكى قىلىنمايدىغانلىقى، سابىق ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭمۇ قوبۇل قىلىنىپ-قىلىنمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

تالىبان 15-ئاۋغۇست (2021) ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، سابىق دۆلەت ئارمىيەسى تارقالغان ۋە نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەر ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.

ئەشرەف غېنى ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا، دۆلەتنىڭ تەخمىنەن 300 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەسى بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر