پۇتىن دونباستىكى ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئوخشاتتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دونباستا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشايدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى.
1745559
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن، مەركىزى رۇسىيەدىكى پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشى بىلەن سىنلىق يىغىن چاقىردى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىن قورقۇشى، <ئىرقىي قىرغىنچىلىق> نىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.»
دونباستا رۇسىيەدىن قورقۇش ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پۇتىن، مۇنداق دېدى: «دونباستا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئوبدان بىلىمىز، راستىنى ئېيتقاندا، دونباستا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر < ئىرقىي قىرغىنچىلىق> قا ئوخشايدۇ، لېكىن، بۇ ئۇقۇملارنىڭ قىممىتىنى يوقاتماسلىقى ئۈچۈنمۇ ھۇشيارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.»