تېھران ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەئىد خاتىبزادە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلىتىگە قاراتقان يېڭى جازالىرىنىڭ يادرو سۆھبەتلىرىدە ۋاشىنگتوننى ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1744429
تېھران ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى سەئىد خاتىبزادە ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلگەن يادرو سۆھبەتلىرىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ئامېرىكا ۋىيېننا سۆھبەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادىمۇ ئىرانغا جازا يۈرگۈزۈشتىن ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ» دېدى.

ۋاشىنگىتوننىڭ ئىرانغا قارىتا تاشلاۋاتقان قەدەملىرىنىڭ بىر - بىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان خاتىبزادە: «جازانى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش (ئامېرىكانى) سۆھبەتلەردە ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

3 – دېكابىردا ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ قايتىدىن تولۇق مەنىدە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئامېرىكانىڭ يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشى مۇزاكىرە قىلىنغان سۆھبەتلەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغاچقا توختىتىلغانىدى.

ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە باش سۆھبەت ۋەكىلى ئەلى باكىرى سۆھبەتلەرنىڭ 9-دېكابىر قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئامېرىكا ئىراننىڭ كېلىشىمدىكى ۋەدىسىگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلسا، تېھران يادرو كېلىشىمىدىن ئايرىلغان تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدى بىلەن ۋاشىنگىتوننىڭ كېلىشىمگە قايتىپ، جازالارنى بىكار قىلىشىنى ۋە كېلىشىمدىن قايتا ئايرىلمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر