ھىندىستان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ئايروپىلان قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى

ھىندىستان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىپىن راۋات تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1744795
ھىندىستان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ئايروپىلان قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىپىن راۋات، رەپىقىسى مادھۇلىكا راۋات ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى باشقا 11 ئادەمنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

راۋات ۋە رەپىقىسى قوشۇلۇپ جەمئىي 14 ئادەم ئولتۇرغان ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ تامىل نادۇ ئۆلكىسىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى؛ ھىندىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى «پرېس تراست»، قازاغا ئۇچرىغان ئايروپىلاننىڭ بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئارمىيەنىڭ بىر مەكتىپىگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ئالاقىدار تارماقلار قازانىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر