زېلېنىسكى: داۋاملىق قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكادىن مىننەتدارمەن

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى كىيېۋنى داۋاملىق قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1743937
زېلېنىسكى: داۋاملىق قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكادىن مىننەتدارمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، دۆلىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

زېلېنىسكى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بايدىن – پۇتىن ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ھەم پوزىتسىيەلىرى ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغداشتا داۋاملىق بىزنى قوللىغانلىقى  ئۈچۈن،  ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھىمىز ۋە ئىتتىپاقدىشىمىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن مىننەتدارمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر