قاتار مىنىستىرى ئال سانى: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي كۈچلۈك

قاتارنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى، تۈركىيەنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، دوھانىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1743980
قاتار مىنىستىرى ئال سانى: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي كۈچلۈك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئال سانى پايتەخت دوھادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئايرىم ئۇچرىشىشلىرىدا، پەلەستىن مەسىلىسى، سۈرىيە ۋە ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە پەۋقۇلئاددە شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئال سانى، بۈگۈن جر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تۈركىيە - قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتىنىڭ يەتتىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

قاتار ئەمىرى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئافغانىستاندىكى سىياسىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئال سانى: «تۈركىيە - قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتىنىڭ 7- نۆۋەتلىك يىغىنىدا 12 يېڭى كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى كۈتۈلمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قاتار مىنىستىرى ئال سانى تۈركىيە ئىقتىسادى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز تۈركىيەنىڭ كۆپ خىللىققا ئىگە ئىقتىسادىغا ئىشىنىمىز. تۈركىيە ئىقتىسادى مۇستەھكەم ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇمۇ ئىقتىسادنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى يېڭىشىگە شارائىت ھازىرلايدۇ. قاتارنىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغى كۆپ، بۇ مەبلەغلەر ئۈنۈملۈك مېۋە بەرمەكتە» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر