بوررېل: مۇداپىئە تېخنولوگىيەسى ساھەسىدە چوڭ كۈچلەرنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا قالدۇق

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇۋاپىئە تېخنولوگىيەسى ساھەسىدە چوڭ كۈچلەرنىڭ ئارقىسىدا قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1744134
بوررېل: مۇداپىئە تېخنولوگىيەسى ساھەسىدە چوڭ كۈچلەرنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا قالدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېل، ياۋروپا مۇداپىئە ئاگېنتلىقىنىڭ بېلگيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرغان «ياۋروپا مۇداپىئەسىدە ئىجادىيلىق» تېمىلىق يىللىق يىغىندا سۆز قىلىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىكتە دەرھال تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. مۇداپىئە ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارغا دەرھال مەبلەغ سالمىساق، تېمىنىڭ سىرتىدا قالىمىز» دېدى.

ئۇ سۈنئىي ئىستىخباراتقا ئوخشاش يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ئۇرۇشلارنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «چوڭ كۈچلەر سۈرئەت بىلەن بۇ خىل يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى ھەربىي مەقسەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلىتىشكە تەييار ھالەتكە كەلتۈرمەكتە» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جەھەتتە چوڭ كۈچلەرنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بوررېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مەزكۇر كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ياۋروپا مۇداپىئە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2020 – يىلى تەتقىقات ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىگە 2 مىليارد 500 مىليون ياۋرو مەبلەغ سالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئومۇمىي مۇداپىئە چىقىمىنىڭ %1.2 ىگە تەڭ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ساھەگە كەم دېگەندە 14 مىليارد ياۋرو مەبلەغ سالغانلىقىنى تەكىتلىگەن بوررېل: «گوگۇل تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە ساھەسىگە سالغان مەبلىغىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن كۆپ مەبلەغ سالدى» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدە تەرەققىي قىلىشى ۋە قارار چىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتكۈچىنىڭ 2022 – يىلى مارتتا چاقىرىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللىنىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر