بەسرەدە پارتلاش يۈز بەردى

ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدە پارتلاتقۇچ قاچىلانغان موتسىكلىت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1744254
بەسرەدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەسرە ۋالىيسى ئەسەد ئىدانى، ئىراقنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (INA) غا بەرگەن باياناتىدا، «پارتلاشتا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 4 كىشى يارىلاندى» دېدى.

ئىراق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بىخەتەرلىك ئاخبارات تورى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ، بۇ ۋەقەنىڭ پارتلاتقۇچ قاچىلانغان موتسىكلىتنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ پارتىلاش يۈز بەرگەن رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر