ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئولىمپىك يىرىكچىلىكى كۈچەيمەكتە

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

1743638
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئولىمپىك يىرىكچىلىكى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرى مۇسابىقىلەرگە قاتناشسىمۇ، ئولىمپىكقا دىپلوماتىك ۋەكىل ئەۋەتمەسلىكنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە قارارىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

يېقىنقى مەزگىللەردە ھەم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى قايغۇلار ھەمدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە، تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان يىرىكچىلىكلەر، ئامېرىكانىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى دىپلوماتىيە جەھەتتىن بايقۇت قىلىدىغانلىقى مۇمكىنچىلىكىنى پەيدا قىلدى.

ئامېرىكادا ۋەزىيەت بۇ يۆنۈلۈشتە ئىلگىرىلەۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ نارازىلىقى كېچىكمىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن سىياسەتچىلەرنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سالماسلىق ئۈچۈن دىپلوماتىك بايقۇتنى چاقىرىق قىلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ بايقۇت قىلىشتا چىڭ تۇرغان ئەھۋالدا، خىتاينىڭ قارشى تەدبىرلەرنى ئېلىشتىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ مۇھىم ساھەلەردىكى دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، بۇ چاقىرىق توختىشى كېرەك» دېدى.

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 2022-يىلى 4-فېۋرالدىن 20-فېۋرالغىچە خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر