تەختتىن چۈشۈرۈلگەن رەھبەر ئاڭ سان سۇچىغا قاماق جازاسى بېرىلدى

بىرمادا تەختتىن چۈشۈرۈلگەن رەھبەر ئاڭ سان سۇچى بىر قاتار جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بىرىنچى قېتىملىق سوتتا، تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1743534
تەختتىن چۈشۈرۈلگەن رەھبەر ئاڭ سان سۇچىغا قاماق جازاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س (BBC) نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاڭ سان سۇچى خەلقنى ئىسيانغا كۈشكۈرتۈش ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

بىراق، ئاڭ سان سۇچى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئوخشىمىغان 11 جىنايەت بىلەن سوتقا تارتىلماقتا.

مىرزا قاماقتا تۇرۇۋاتقان ئاڭ سان سۇچىنىڭ تۈرمىدە يېتىپ-ياتمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

بىرما سابىق پىرېزىدېنتى ۋىن ميىنت (Win Myint) مۇ ئوخشاش ئەيىبلەشلەر بىلەن تۆت يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە دۆلەت ئىچىدە ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، 2021-يىلى 1-فېۋرال ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

ھەربىي ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى، شۇنداقلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ مەسئۇللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

ئارمىيەنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى باشلانغان نامايىشلارنى باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، ھازىرغىچە 902 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، مىڭلارچە نامايىشچى تۇتقۇن قىلىندى.

سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 1200 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

بىرمادا بىر تەرەپتىن، كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھەربىي سوتتا سوتلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر