ئىران ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى

ئىراننىڭ ئىسفاھان شەھىرىدىكى ناتانز ئۇران قويۇقلاندۇرۇش زاۋۇتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىغا قارشى رايوندىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سىناق قىلىنغانلىقى ۋە رايوندا ئاڭلانغان پارتلاش ئاۋازىنىڭمۇ ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبادىن كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1743051
ئىران ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان ناتانز رايونىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىگە مەسئۇل قوماندانى، يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ يېنىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنىڭ ھۇجۇم ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييار ياكى ئەمەسلىكىنى سىناش ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىران قوماندانى قىسقا مۇددەتلىك مانېۋىرنىڭ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىي سىستېمىلارنى سىناش ئۈچۈن پۈتۈنلەي بىخەتەر مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىران تاراتقۇلىرىدا ئىلگىرى ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ناتانزدىكى ئۇران قويۇقلاندۇرۇش زاۋۇتى ئەتراپىدا كۈچلۈك پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئىران ئالىي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە قاراشلىق نۇرنېۋىس تورى، ھۇجۇم ئېھتىماللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر