ئافغانىستاندا پىرېرزىدېنت، مىنىستىر ۋە باشقا خادىملارنىڭ مائاشلىرى بەلگىلەندى

ئافغانىستاندا تالىبان ھۆكۈمىتى رەھبىرى موللا ھەيبەتۇللاھ ئاخۇنزادەگە ھەر ئايدا 228 مىڭ 750 ئافغانىستان رۇپىيەسى (يەنى تەخمىنەن 2400 دوللار) مائاش بەلگىلەندى.

1743109
ئافغانىستاندا پىرېرزىدېنت، مىنىستىر ۋە باشقا خادىملارنىڭ مائاشلىرى بەلگىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەھمەد ۋەلى ھەقمال بۇ ھەقتە ئاخباراتلارغا بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشى توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تالىبان رەھبىرى موللا ھەيبەتۇللاھ ئاخۇنزادەگە ئايلىق 228 مىڭ 750 ئافغانىستان رۇپىيەسى  (تەخمىنەن 2400 دوللار) ئايلىق ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇندغا 198 مىڭ 250 ئافغانىستان رۇپىيەسى (تەخمىنەن 2 مىڭ 60 دوللار) ئايلىق بېكىتىگەنلىكىنى بايان قىلغان ئەھمەد ۋەلى ھەقمال، مىنىستىرلارنىڭ ئايلىق مائاشلىرىنىڭ بولسا، 137 مىڭ 250 ئافغانىستان رۇپىيەسى (تەخمىنەن 1430 دوللار) قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئەھمەد ۋەلى ھەقمال تالىبان ھۆكۈمىتىگە تەۋە ۋالىيلارغىمۇ 91 مىڭ 500 ئافغانىستان رۇپىيەسى (يەنى تەخمىنەن 950 دوللار) مائاش بېكىتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ 5 مىڭ ئافغانىستان رۇپىيەسى (يەنى تەخمىنەن 52 دوللار) قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئەھمەد ۋەلى ھەقمال، بۇ قارارنىڭ پات يېقىندا كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاخباراتلاردا بىر تال رەسىمىلا بولغان تالىبان رەھبىرى ئاخۇندازەنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلى نەمەلۇم.

ئەشرەف غەنى رەھبەرلىكىدىكى سابىق ھۆكۈمەتتە، پرېزىدېنت سارىيىدا ئىشلەيدىغان مەسلىھەتچىلەرنىڭ مائاشى 3 مىڭدىن 7 مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر