تۈركىيە 100 دىن ئارتۇق سومالى ئالاھىدە قىسم خادىملىرىنى تەربىيەلەپ يولغا سالدى

تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەن 100 دىن ئارتۇق سومالى ئالاھىدە قىسم خادىملىرى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتتى.

1743104
تۈركىيە 100 دىن ئارتۇق سومالى ئالاھىدە قىسم خادىملىرىنى تەربىيەلەپ يولغا سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت موگادىشۇنىڭ ئادېن ئاددې خەلقئارا ئايرودرومىغا قونغان 100 دىن ئارتۇق «گورگور» (بۈركۈت) ناملىق ئالاھىدە قىسىم خادىملىرى سومالى دۆلەت ئارمىيەسى (SNA) پىيادە قىسىم قوماندانى مۇھەممەد تاھىل بىھى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

سومالىلىق ئالاھىدە قىسم خادىملىرى ئىسپارتادىكى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن زامانىۋى قوماندانلىق بويىچە تەربىيە ئالغان ئىدى.

سومالىغا قايتىپ كەلگەن «گورگور» (بۈركۈت) ناملىق ئالاھىدە قىسىم خادىملىرى ئەلقائىدىگە چېتىشلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابقا قارشى  ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.  

تۈركىيە 2010-يىلدىكى ھەربىي تەلىم - تەربىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە، يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان سومالى ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەپ بەرمەكتە.

سومالىدا خارجاماد ۋە گورگور ناملىق سەرخىل قىسىملار خادىملىرى ئەلقائىدىگە چېتىشلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابقا قارشى  ئۇرۇش قىلماقتا.

ئەششاباب سومالىدا پات - پات بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە پۇقراۋىي ئولتۇراق رايونلارغا ھۇجۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر