ھىندونېزىيەدىكى يانار تاغ پارتلاش ۋەقەسىدە، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 13 كە يەتتى

ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي جاۋا ئۆلكىسىگە جايلاشقان يانار تېغىن پارتلاپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 13 كە يەتتى.

1743074
ھىندونېزىيەدىكى يانار تاغ پارتلاش ۋەقەسىدە، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 13 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۇماجاڭ رايونىدا دېڭىز يۈزىدىن 3676 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان سېمېرۇ يانار تېغى پارتىلىغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى ئولتۇراق رايونلار قويۇق كۈل ۋە ئىس-تۈتەكلەر بىلەن قاپلاندى. رايوندىكى 11 يېزا پارتىلاشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى.

دۆلەتلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئورگىنى (BNPB) نىڭ ئەمەلدارى ئابدۇل مۇھارى يازما باياناتىدا، پارتىلاشتىن كېيىن 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن پەقەت ئىككى كىشىنىڭلا كىملكى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇل مۇھارى پارتىلاش سەۋەبىدىن 98 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە كۆپىنچىسىنىڭ كۆيۈكتىن داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىس-تۈتەك ۋە كۈل سەۋەبىدىن قاراڭغۇلۇققا پاتقانلىقىنى ۋە 902 كىشىنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.  

پارتىلاشتىن كېيىن كاندا قاپسىلىپ قالغان 10 ئىشچىنىڭمۇ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

لۇماجاڭنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىنداھ ماسدار تۈنۈگۈن قاتتىق كۆيۈپ يارىلانغان بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 41 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھىندونېزىيە تېنچ ئوكياننىڭ ئوت ھالقىسى، يەر تەۋرەش ۋە يانار تاغ بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن 130 ئاكتىپ يانار تاغ بارلىقى مەلۇم.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر