رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا 175 مىڭ ئەسكەرنى ئىشقا سېلىپ ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

1742920
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە ئاشكارىلىغان ھۆججىتىدە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كېلەر يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتتە، رۇسىيەنىڭ 175 مىڭ ئەسكەر بىلەن ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرمەكچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھۆججەتتە، رۇسىيەنىڭ يېڭى زەمبىرەك ۋە ۋاسىتىلىك ئوت ئېچىش ئەسلىھەلىرى بىلەن بىرلىكتە 50 تاكتىكىلىق ھەرىكەت قىلىش قىسىملىرىنى ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن بىر قانچە نۇقتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ چېگراغا 94 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولسا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتىدە، تاكتىكىلىق ھەرىكەت قىلىش باتالىيونىدىكى ئەسكەرلەر ئومۇمىي سانىنىڭ ھازىر 70،000 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ساننىڭ 175 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيەنىڭ نىشاننى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ھالدا ئەسكەرلىرىنى چېگرا بويىغا توپلاپ ئارقىدىن چېكىندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھۆججەتتە، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى چېگراغا ئەسكەر توپلىشىنىڭ ئىشغالغا تەييارلىق قىلىش مانېۋىرى ئىكەنلىكى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ مەشىق ئەسلىھەلىرىنى ھازىرقى ئورنىدا تاشلاپ قويۇپ،  يولىنى داۋاملاشتۇرۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

بىر ئەمەلدار «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ھازىرقى رۇس ئەسكەرلىرى سانىنىڭ ئەتىيازدىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر