مېركېل ئۈچۈن ھەربىي ۋىدالىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ھەربىي ۋىدالىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

1742479
مېركېل ئۈچۈن ھەربىي ۋىدالىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ۋىدالىشىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئۇ 16 يىللىق باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن كېيىن مىننەتدارلىق ۋە كەمتەرلىك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ كېلەر ھەپتە ۋەزىپىسىنى سوتسيال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئولاف شولز (Olaf Scholz) غا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ئۇ باش مىنىستىر بولۇپ خىزمەت قىلغان 16 يىلنىڭ ھەمىشە قىيىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ:  «بولۇپمۇ ۋابا تارقالغان بۇ ئىككى يىل، سياسەتكە، بىلىمگە ۋە ئىجتىمائىي سۆز-ھەرىكەتكە بولغان ئىشەنچنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىسپات بىلەن كۆرسىىتپ بەردى» دېدى.

ئۇ دېموكراتىيەنى نەپرەت، زوراۋانلىق ۋە خاتا ئۇچۇرلاردىن قوغداشنى چاقىرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى:

 «دېموكراتىيەمىز، ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىدىغان ۋە تۈزۈتۈش ئىقتىدارى بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ. داۋاملىق مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقىدا ۋە بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمەتتە ياشايدۇ. ئۇ ئىزچىل مەنپەئەت ۋە بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش تەڭپۇڭلۇقىدا ياشايدۇ. ئۇ ئىتتىپاقلىق ۋە ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا پاكىتقا ئىشىنىدۇ. ئىلىم-پەن بىلىملىرى رەت قىلىنغان، سۈيقەست نەزەرىيەسى ۋە ھېسسىياتتىن پايدىلىنىش كەڭ تارقالغان ھەر قانداق جايدا، زىددىيەتنى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈر بولغان ئەمەلىيىتىدە ياشايدۇ» دېدى.

ئۇ كېيىنكى قىيىنچىلىقلارغا جاۋاب تېپىش ۋە كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتكە قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سەۋەبتىن كېلەر ھەپتە ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئولاف شولزغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.

ۋىدالىشىش مۇراسىمىغا، پىرېزىدېنت فرانك ۋولتېر ستېيىنمېيىر (FrankWalter Steinmeier) ۋە رەپىقىسى ئېلكې بۈدېنبېندېر (ElkeBüdenbender) ھەمدە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي رەھبەرلەر قاتناشتى.

باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل 8-دېكابىر (2021) پارلامېنتتا، ئولاف شولز قەسەم بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر