فىرانسىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 92 ئايروپىلان سېتىپ بېرىدۇ

فىرانسىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن 80 دانە رافائېل تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

1742690
فىرانسىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 92 ئايروپىلان سېتىپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى شاھزادىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان بىلەن پارىژنىڭ دۇبەيگە 80 دانە رافائېل تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 12 دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىشىنى مەزمۇن قىلغان بىر كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئايروپىلانلارنىڭ 2027 – يىلىدىن تارتىپ تاپشۇرۇپ بېرىشكە باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى مىسىرغا 54، قاتارغا 36 ۋە ھىندىستانغا 36 دانە رافائېل تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر