ئۇكرائىنا قىرىمنىڭ شىمالىدىكى خەرسون رايونىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، مانېۋىرنىڭ ھەربىي خادىملارنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
1742117
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىرلەشمە قىسىملار قوماندانى لېتىنانت گېنېرال سېرگېى نائېۋا بايانات بېرىپ: «قىسىملار ھەممىدىن ئاۋۋال دېڭىز ئارقىلىق كېلىدىغان ئەسكىرىي خەۋپكە ۋاقتىدا ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە مۇداخىلە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. جەڭ تەييارلىقىنى ھەر خىل سېنارىيەلەرنى ياقىلىغان ھالدا سىناق قىلىۋاتىمىز. بۇلار جەڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەسناسىدا ئېھتىياج چۈشىدىغان ماھىيەتتىدۇر» دېدى.