ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى باياناتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

1742067
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى باياناتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «رۇسىيەگە جېدەلخور باياناتلىرىغا ئالاقىدار ئەندىشىلىرىمىزنى روشەن شەكىلدە يەتكۈزدۇق» دېدى.

ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ «ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە توقۇنۇش يولىنى تۇتسا، رۇسىيەگە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەتكۈزىمىز» دېگەن باياناتىدىن كېيىن رۇسىيەگە ئىمبارگو يۈرگۈزۈلۈپ – يۈرگۈزۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ جەھەتتە ھەم رۇسىيە ھەمدە ئۇكرائىنا تەرىپى بىلەن كۆرۈشكەنلىكلىرىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «بىز باشتىن تارتىپلا رۇسىيەنىڭ زىيانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئىقتىسادىي ۋە باشقا ۋاسىتىلىرىمىزنى ئىشقا سالىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ كەلدۇق. مىنىستىر بلىنكېنمۇ بۈگۈن بۇ ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش جەھەتتە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتتى. لېكىن، بۇ ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالىدىغان بولساق، شېرىكلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رايوندىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن  بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۆزلىشىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئالغان پساكى: «رۇسىيەگە جېدەلخور باياناتلىرىغا ئالاقىدار ئەندىشىلىرىمىزنى روشەن شەكىلدە يەتكۈزدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر