تېررورلۇق تەشكىلاتى بالىلارنى ئېلىپ قېچىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يەنە بىر بالىنى ئېلىپ قاچتى.

1741893
تېررورلۇق تەشكىلاتى بالىلارنى ئېلىپ قېچىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى، پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ ھاسەكە شەھىرىنىڭ كەبكا يېزىسىدىن ھامىد ئەھمەد ئىسىملىك 13 ياشلىق بىر بالىنى ئېلىپ قاچقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرى ئۆتكەن ھەپتىمۇ ئامۇدەدە 15 ياشلاردىكى ئۈچ قىزنى قاچۇرغانىدى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن قاچۇرۇلغان بالىلارنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە ئىرانلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەربىي لاگېرلىرىدا قورال ئىشلىتىشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قاچۇرۇلغان بالىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىراقنىڭ قاندىل ۋە سىنجار رايونلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكى، يەنە بەزىلىرىنىڭ سۈرىيەدە مەشىق قىلدۇرۇلۇپ ئالدىنقى سەپلەردە جەڭلەرگە سېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

رايون مەنبەلىرى، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان بالىلار تاغلارغا ئېلىپ قېچىش ۋەقەلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى بىر – ئىككى ھەپتە ئىچىدە قامىشلى، ئامۇدە ۋە ھەلەب شەھەرلىرىدىن توققۇز بالىنى ئېلىپ قاچقانلىقى، قاچۇرۇلغان بالىلارنىڭ قوراللاندۇرۇلغانلىقى، ئۇلارغا ئىدىئولوگىيەلىك ۋە ھەربىي تەلىم – تەربىيە بېرىلگەنلىكى مەلۇم. بۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا پ ك ك / ي پ گ نىڭ بۇ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنىڭ پاش قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقى قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر