ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق رايونى سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گىرىنفىلىد، ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق رايونى سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

1741215
ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق رايونى سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گىرىنفىلىد، ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغان «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى يولغا قويۇلۇش ئىمكانىيىتىگە زەربە بېرىدىغان ھالقىلىق نۇقتىغا يەتكەن»لىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش ئەلچى توماس گرىنفىلىد ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاش دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋە ئىيوردانىيەدە ئېلىپ بارغان زىيارەت ۋە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىنىڭ «ئۈمىدۋار» ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى ۋە ب د ت نىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «مەن زىيارىتىم جەريانىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆردۈم. ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئۆي - مۈلۈكلەرنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلغانلىقىنى ۋە مال - مۈلۈكلەرگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. مەن بۇ ئەھۋالنى ئىسرائىلىيەلىك خىزمەتداشلىرىم بىلەن كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلدىم» دېدى.

توماس گىرىنفىلىد پەلەستىنلىك ئائىلىلەرنىڭ ئۆي - ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىدىن قورقىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئامېرىكا ئولتۇراق رايونلارنىڭ كېڭەيتىلىشىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يوللۇق دەپ قارىمايۋاتىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن ھېچقانداق يېڭىلىق ئەمەس، ئەمما بۇ سىياسەت ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېتىپ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە زەربە بەرمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر