ئامېرىكادا 15 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى 3 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 6 كىشىنى يارىدار قىلدى

ئامېرىكانىڭ مىچىگان ئىشتاتىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 3 كىشى قازا قىلدى.

1741151
ئامېرىكادا 15 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى 3 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 6 كىشىنى يارىدار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكلاند ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى ئوكسفورد تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە ئېلىپ بارغان قورال بىلەن 6 كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە «SWAT» ئەترىتى ھاۋادىن تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن مۇداخىلە قىلىپ، قوراللىق ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالدى.

ئوقۇغۇچىنىڭ قورالىدىن 15 دىن 20 گىچە ئوقنىڭ ئېتىلغانلىقى ئېنىقلاندى، قولغا ئېلىش جەريانىدا ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتمىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ھەققىدە بايانات بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ۋە يالغۇز ھەرىكەت قىلغانلىقىغا ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 15 ياشلىق ئۆسمۈر ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئالاقىدار مەسئۇللار مىچىگان ئىشتاتىدا 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان بۇنداق ھۇجۇمنىڭ يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر