شىمالىي كارولىنادا 400 گېكتارلىق جاي كۆيۈپ كەتتى

ئامېرىكانىڭ شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى پىلوت تېغى ئىشتات باغچىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 400 گېكتارلىق جاينىڭ كۆيۈپ كۈل بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1741204
شىمالىي كارولىنادا 400 گېكتارلىق جاي كۆيۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كارولىنا پىلوت تېغى ئىشتات باغچىسىدا 400 گېكتاردىن ئارتۇق جاينىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكى ۋە ئوتنىڭ %20 ئەتراپىدا كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

شىمالىي كارولىنا ئورمان مەسئۇللىرى 27-نويابىر (2021) دا باشلانغان ئوت ئاپىتىنىڭ، كىشىلەرنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.

ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقى ۋە باغچىنىڭ تاقالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت 29-نويابىر قۇرغاق ھاۋا سەۋەبىدىن سىرتتا ئوت يېقىشنى چەكلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر