دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: چەكلىمىلەر ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئومىكرون ۋارىيانتى (Omicron) بايقالغان دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىلىرىنىڭ، ۋارىيانتنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1741313
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: چەكلىمىلەر ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئومىكرون ۋارىيانتى توغرىسىدا بەزى تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سېكرىتارلىقىنىڭ ۋارىيانتقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، ۋارىيانت تۇنجى بايقالغان جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋە بوتسۋانانىڭ خەلقئارالىق سەھىيە نىزامنامەسى بويىچە ئومىكرون ۋارىيانتلىرىنى تېزلىكتە بايقاپ، ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ۋارىيانتقا قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈرەش قىلىش روھىنى نامايان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ كىشىنى ئەندىشەگە سالىدىغانلىقى، يېڭى ۋارىيانت سەۋەبىدىن مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە قارىتا ساياھەت چەكلىمىسى يولغا قويغان دۆلەتلەرگە، «ساياھەت چەكلىمىلىرى ئىجرا قىلغان دۆلەتلەر، بۇ تەدبىرلەرنى ئىسپاتلارغا ئاساسەن يولغا قويغان بولۇشى كېرەك» دەپ تەۋسىيە قىلىندى.

باياناتتا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ۋارىيانت تۇنجى بايقالغان دۆلەتلەردىن ئايروپىلان سەپىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىش قارارى توغرىسىدا مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى:

 «ساياھەت چەكلىمىلىرى ۋارىيانتنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن زور قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ۋاباغا قارشى دۇنياۋى كۈرەشكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

باياناتتا، ۋابا داۋاملىشىۋاتقان جەرياندا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، تېز يوللانما، كۈندىلىك تۇرمۇش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە خەلقئارالىق ئالاقىلەرنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەرگە، «نازارەت قىلىش ۋە تەرتىپكە سېلىش سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «ۋارىيانتلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ۋاقتىدا بىلدۈرۈش» تەۋسىيە قىلىندى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس تۈنۈگۈن (2021-يىلى 30-نويابىر) بايانات ئېلان قىلىپ، ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالغان دۆلەتلەرگە قارىتا يولغا قويۇلغان ساياھەت چەكلمىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە بوتسۋانانىڭ ساياھەت چەكلىمىلىرى بىلەن جازالاندۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر