ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندى - تىنچ ئوكياندا ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قارار قىلدى

ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلدى.

1740638
ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندى - تىنچ ئوكياندا ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو، ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار تەرەققىياتلار توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» بەرپا قىلىش يولىدا ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلشى توغرىسىدا كېلىشكەن.

كىشىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى يولغا قويغان «ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى» ئۈچۈن مىشېلغا رەھمەت ئېيتتى.

ئىككى رەھبەر، تور بىخەتەرلىكى، يېشىل تېخنىكا ۋە ياپونىيە-ياۋروپا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر