ئۇكرائىنا چەت ئەل قىسىملىرىنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە ھازىرلىق قىلماقتا

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي چەت ئەل ھەربىي قىسىملىرىنىڭ خەلقئارالىق مانېۋىرغا قاتنىشىش ئۈچۈن 2022-يىلى دۆلەتكە كىرىىشىگە رۇخسەت قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى پارلامېنتقا سۇندى.

1740652
ئۇكرائىنا چەت ئەل قىسىملىرىنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە ھازىرلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپۇتنىكنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قانۇن لايىھەسىگە «ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنىڭ 2022-يىلى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەربىي قىسىملارنىڭ كۆپ دۆلەتلىك مانېۋىرغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۆلەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش قارارىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسى» دەپ نام بېرىلگەن.

ئۇكرائىنا قانۇنلىرىدا، دۆلەتتە قانۇندا بەلگىلەنمىگەن بارلىق ھەربىي ئورگانلارنىڭ پائالىيىتى مەنئى قىلىنىدۇ.

ئۇكرائىنادا يەنە، چەت ئەل ھەربىي بازىسى قۇرۇشمۇ قانۇنسىز ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، چەت ئەل ئەسكەرلىرى پەقەت پىرېزىدېنتنىڭ پارلامېنتقا سۇنغان ئالاھىدە تەكلىپلىرى بىلەنلا دۆلەتكە كىرەلەيدۇ.

ئۇكرائىنادا 2021-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ھەربىي مانېۋىرغا چەت ئەل ئەسكەرلىرىنىڭ قاتنىشالىشى ئۈچۈن  2020-يىلى ئالاھىدە ئىجازەتنامە چىقىرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر